تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز مەخپىيەتلىك باياناتى

يېڭىلانغان ۋاقىت: 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى

«تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز» مۇلازىمىتى خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دەيمىز) يۈرگۈزىدىغان، پۈتۈن ئۆي ئاڭلىق ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن كاشىلا تەكشۈرۈش ۋە كاشىلا ئىنكاس قىلىش ئىقتىدارى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتتۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇرىڭىز ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە ئۇلارنى پىشقان كەسپىي ئۆلچەملەر ئارقىلىق قوغدايدۇ.

نەشر يېڭىلانمىسى ھەققىدە

كۆرۈنۈش ئوڭشاش تەسىراتىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن «يىراقتىن ئۆي كۆرۈنۈشى سەپلەش» ھەققىدە يېڭى بۆلەك قوشتۇق.

قىسقىچە مەزمۇن

كاشىلا تەكشۈرۈش ۋە كاشىلا ئىنكاس قىلىش جەريانىدا ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، ئەپ ئۇچۇرى ۋە سىز يۈكلىگەن مەلۇماتلار خۇاۋېي يىراقتىن مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئەۋەتىلىپ، ئۈسكۈنە كاشىلىسىنى تەكشۈرۈپ، ئوڭشاش چارىسى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

مەخسۇس خادىم كۆرۈنۈش سەپلەشكە ياردەملەشكەندە كۆرۈنۈش سەپلىمىسى ۋە ئۈسكۈنە ئۇچۇرى (SN ۋە ئۈسكۈنە نامى قاتارلىقلار) نى كۆرىمىز، ئەمما سىزگە ياردەملىشىپ كۆرۈنۈش سەپلىگەندە ھېچقانداق ئۇچۇر توپلىمايمىز.

توپلايدىغان شەخسىي ئۇچۇر تىزىملىكى ئارقىلىق «تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز» مۇلازىمىتى توپلاپ ئىشلىتىدىغان شەخسىي ئۇچۇر، ئىشلىتىشتىكى مەقسەت ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى كۆرەلەيسىز.

1 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز

«تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز» مۇلازىمىتى ئارقىلىق سىزگە تۆۋەندىكى كەسپىي ئىقتىدارلارنى تەمىنلەيمىز. سىز بۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندە دېيىلگەن كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى توپلاپ، توختامدىكى مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز. ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، بۇ ئەپنىڭ ئالاقىدار ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ.

1.1 كاشىلا تەكشۈرۈش ۋە كاشىلا ئىنكاس قىلىش ئىقتىدارى

كاشىلا تەكشۈرۈش ۋە كاشىلا ئىنكاس قىلىش ئىقتىدارىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز:

ئۈسكۈنە ئۇچۇرى: ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (SN)، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نەشرى، ROM نەشرى، سىستېما ھالىتى ئۇچۇرى، سىستېما سەپلىمىسى ئۇچۇرى ۋە سىستېما خاتىرىسى قاتارلىقلار؛

ئەپ ئۇچۇرى: ئۆي نامى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ئەپ نەشرى قاتارلىقلار؛

يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۈسكۈنە كاشىلىسىنى ئېنىقلاپ، ئوڭشاش چارىسى بىلەن تەمىنلەيمىز.

بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، كاشىلا تەكشۈرۈش ۋە كاشىلا مەلۇماتىنى ئىنكاس قىلىش ئىقتىدارى ئىشلىمەيدۇ.

1.2 يىراقتىن ئۆي كۆرۈنۈشى سەپلەش

كۆرۈنۈشتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يىراقتىن ئۆي كۆرۈنۈشى سەپلەش مۇلازىمىتى تەمىنلەيمىز. كۆرۈنۈشتە مەسىلە كۆرۈلسە، بىزگە تېلېفون (950800) قىلىپ، خادىمىمىزغا ئىجازەت بەرسىڭىز، مەخسۇس خادىمىمىز يىراقتىن ياردەملىشىپ، كۆرۈنۈش سەپلەش ۋە تەڭشەش مۇلازىمەتلىرىنى تەمىنلەيدۇ.

مەخسۇس خادىم كۆرۈنۈش سەپلەش مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن خادىمغا ئۈسكۈنە تىزىملىكى، SN، ئۈسكۈنە نامى ۋە DeviceId ئۇچۇرىنى ئوقۇش ئىجازىتى بېرىشىڭىز كېرەك، كامېرا، ئىشىك قۇلۇپى ۋە دۇخوپكا قاتارلىق سەزگۈر ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى توپلىمايمىز. مەخسۇس خادىم سىزگە يىراقتىن كۆرۈنۈش سەپلەپ بېرىش جەريانىدا ھېچقانداق كۆرۈنۈش ئۇچۇرى ۋە ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى ساقلىمايمىز.

2 ئۆسمۈرلەرنى قوغداش

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىمىز. خۇاۋېي ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت تەمىنلەشتە دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى بويىچە قاتتىق قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ھامىيىڭىز بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى كېرەك. يەنە ئۇلار زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بالىلار-ئۆسمۈرلەرنى قوغدىشى ۋە بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

بولۇپمۇ، بالا (ئون تۆت ياشقا توشمىغان ئۆسمۈر) بولسىڭىز، مۇلازىمەتلىرىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ھامىيىڭىزدىن سوراپ، بۇ بايانات ۋە «خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتى بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش باياناتى»(https://consumer.huawei.com/cn/privacy/child-policy) نى بىرلىكتە ئوقۇشىڭىز كېرەك. مۇلازىمەت ئىشلىتىش ۋە بىزگە ئۇچۇر تەمىنلەشكە ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ھامىيىڭىز قوشۇلۇشى ھەمدە مۇلازىمەتلىرىمىزنى ئىشلىتىشىڭىزگە ئۇلار يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئەگەر سىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيىسى بولسىڭىز، بالىڭىزنىڭ مۇلازىمەتلىرىمىزنى ئىشلىتىشى ۋە بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىشىگە ئۆزىڭىز قوشۇلۇشىڭىز ھەمدە يېتەكچىلىك قىلىشىڭىز كېرەك.

3 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى باشقۇرۇش

خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ سىز ئۈچۈن مۇھىملىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. مەلۇمات ھوقۇقىڭىزغا قارىتا ھەرقانداق گۇمان ياكى سوئالىڭىز بولسا، بۇ باياناتتىكى «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش»ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.

4 ئۇچۇر ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى

يۇقىرىقى ئۇچۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى مۇلازىمىتېرغا يۈكلىنىپ ساقلىنىدۇ.

شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى پەقەت بۇ باياناتتا دېيىلگەن مەلۇمات توپلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئىچىدە ساقلايمىز، ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش مۇددىتى توشسا ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز، قانۇن باشقىچە تەلەپ قىلغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا.

ئۈسكۈنىڭىزدىن توپلىغان مەلۇماتلارنى مۇلازىمىتېردا 2 يىل ساقلايمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىز توختىتىلسا، سىزگە ئايرىم ياكى ئاممىۋىي ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق خەۋەر بېرىمىز، ھەمدە مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرىمىز.

5 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش

شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس بۆلۈمى (ياكى خادىمى) بېكىتتۇق. بۇ ئۇلانما (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions/) ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions/) بېتى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئامال بار تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.

جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باشقۇرۇش ھوقۇقى بار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسىڭىز، كەسپىي جەمئىيەت ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئارقىلىق ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەرز قىلىپ ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى بىزدىن سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

خۇاۋېي ئۇچۇر توپلاش ۋە ئىشلىتىشتە مەخپىيەتلىك تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنىڭ تەپسىلاتىنى «خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى»(https://consumer.huawei.com/minisite/legal/privacy/statement.htm?code=CN&language=ug-cn) ئارقىلىق كۆرۈڭ.